پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: «هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ رَبِّنَا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ»بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى، خەۋەر بەردى، قۇرئان كەرىمدە ئىپادىلىگەن مەنالىرى ئېنىق، ھۆكۈملىرى بىلىنگەن، ھېچ قانداق ئارىلىشىش بولمىغان ئايەتلەر بار، ئۇ بولسىمۇ قۇرئاننىڭ ئاساسىدۇر ۋە مەنبىيىدۇر، ئىختىلاپ بولغاندا شۇ ئايەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنىدۇ، قۇرئان كەرىمدە يەنە بىر قانچە مەناغا ئېھتىماللىقى بولغان ئايەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى بەزى كىشىلەرگە ئارىلىشىپ كېتىدۇ ياكى ئۇلار بۇ ئايەت بىلەن يەنە باشقا ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدا زىتلىق باردەپ ئويلاپ قالىدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئايەتلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى، دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر مەنىسى ئوچۇق بولغان ئايەتلەرنى قويۇپ مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى تۇتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە قوزغاشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى - خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ، ئەمما ئىلىمدا توشقانلار بۇ مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى بىلىدۇ، ئۇ ئايەتلەرنى مەنىسى ئوچۇق بولغان ئايەتلەرگە قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئايەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن زىت بولىشى ياكى قارمۇ-قارشى بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ، لېكىن بىز زىكىر قىلغان ھۆكۈملەردىن پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېدى: مۇتەشابىھ يەنى مەنىسى ئوچۇق بولمىغان ئايەتلەرگە ئەگەشكەنلەرنى كۆرسىڭىز بىلىڭكى ئۇلار ئاللاھ تائالا: «دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر» دەپ ئاتىغانلار ئۇلاردىن ھەزەر قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماڭلار.