بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېنىغا كىلىپ قۇللىرىنىڭ ئىشلىرىدىن شىكايەت قىلپ ئۇلارنىڭ سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدىغانلىقى، ئامانەتكە خىيانەت قىلىدىغانلىقى، مۇئامىلىلەردە ئالدامچىلىق قىلىدىغانلىقى، بۇيرۇقىغا ئاسىيلىق قېلىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇلارنى ئەدەپلەش ئۈچۈن دەشنام قىلىپ ئۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئىشلىرىغا قانداق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى سورىدى؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان خيانىتى، ئاسىيلىقى، يالغانچىلىقى بىلەن سېنىڭ ئۇلارنى جازالىغانلىقىڭ ھېساپ قىلىنىدۇ، ئەگەر سېنىڭ ئۇلارنى ئەدەپلىشىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا باراۋەر بولسا، ساڭا زېيانمۇ يوق ۋە پايدىمۇ يوق، ئەگەر سېنىڭ ئۇلارنى جازالىشىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن تۆۋەنرەك بولسا، بۇ سەن ئۈچۈن پەزىلەت ۋە ئەجىرنى زىيادە قىلىدۇ، ئەگەر سەن ئۇلارنى قىلمىشىدىن زىيادە جازالىغان بولساڭ، زىيادە جازاغا ئۇچرايسەن، ئارتۇق جازانىڭ مىقدارىغا سېنىڭ ياخشىلىقىڭ ئېلىنىپ ئۇلارغا بېرىلىدۇ» دېدى، ئۇ كىشى بىر چەتكە چېقىپ ئۈن سېلىپ يىقلاشقا باشلىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سەن ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى﴿وَنَضَعُ الْمَوَازِينَ الْقِسْطَ لِيَوْمِ الْقِيَامَةِ فَلا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا، وَإِن كَانَ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِّنْ خَرْدَلٍ أَتَيْنَا بِهَا ۗ وَكَفَىٰ بِنَا حَاسِبِينَ﴾ تەرجىمىسى: «قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز»دېگەن ئايىتىنى ئوقۇمىدىڭمۇ؟»قىيامەت كۈنىدە ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت تارازىسى بولىدۇ» دېدى. ئۇ كىشى: ھېساب بىلەن ئازاب ۋە ئازابتىن قورقۇپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ۋە ئۇلار ئۈچۈن بولغان ئەڭ ياخشى ئىش: مېنىڭ ئۇلاردىن ئايرىلىشىم ئىكەن، سىلىنى گۇۋاھ قىلىمەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ھۆر، ئۇلارنى ئازاد قىلىۋەتتىم دېدى.