پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئەزاننى ئاڭلىغان كىشىنى مۇئەززىنگە ئەگىشىپ -نامازغا كىلىڭلار ۋە نىجاتلىققا كېلىڭلار- دېگەن سۆزدىن باشقا سۆزلەرنى تەڭ تەكرارلاپ دېيىشكە، نامازغا كىلىڭلار ۋە نىجاتلىققا كېلىڭلار دېگەندە، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت ۋە قۇدرەت پەقەت ئاللاھ بىلەن بولىدۇ دېيىشكە، ئەزان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشقا كۆرسەتمە بەردى. چۈنكى كىمكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىر قېتىم دۇرۇت-سالام يوللىسا، ئۇ كىشىگە ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئون رەھمەت يېزىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئۇ بەندىسىنى پەرىشتىلەرگە مەدھىيەلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن ئۆزى ئۈچۈن ئۈستۈنلۈككە يېتىدىغان ۋاستىنى سوراشقا بۇيرىدى، ئۇ بولسىمۇ جەننەتتىكى ئەڭ ئالى مەرتىۋە بولۇپ، ئۇ ئالى ئورۇنغا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن پەقەت بىرلا كىشى لايىق بولىدۇ ۋە ئېرىشىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كەمتەرلىك قىلىپ شۇ ئورۇنغا ئېرىشىدىغان كىشىنىڭ مەن بولۇشۇمنى ئۈمىت قىلىمەن دېگەن. بۇ ئالى مەرتىۋە پەقەت بىر كىشى ئۈچۈنلا بولىدىكەن، ئۇ بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقىسى ئەمەس، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى ئۈچۈن ئالى مەرتىۋىنى تىلەپ دۇئا قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.