سالىم بىن ئەبى جەئدى مۇنداق دەيدۇ، بىر كىشى: كاشكى ناماز ئادا قىلىپ راھەتلەنگەن بولسام دېگەن ئېدى، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەيىپلەش نەزىرى بىلەن قارىدى، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئى بىلال! نامازغا تەكبىر ئېيتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىزنى راھەتلەندۈرگىن»دېگەن. تېكىست توغرا - ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى
explain-icon

شەرھىسى

ساھابىلاردىن بىر كىشى كاشكى ناماز ئادا قىلىپ راھەتلەنگەن بولسام دېگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەيىپلەش نەزىرى بىلەن قارىدى، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئى بىلال! نامازغا ئەزان توۋلاپ، تەكبىر ئېيتقىن ناماز بىلەن راھەتلىنەيلى» دېگەنلىكىنى دەيدۇ. بۇنداق بولىشى نامازدا ئىنسان ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىدۇ، دىلى ۋە روھى راھەتلىنىدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • نامازدا ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ دىلى راھەتلىنىدۇ.
  • ئىبادەتنى ئېغىر كۆرگەن كىشىگە رەددىيە بېرىش.
  • ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىپ، زىممىسىنى پاكلىغان كىشىگە بۇنىڭ بىلەن راھەت ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ھاسىل بولىدۇ.