explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەزاننى ئاڭلىغان ۋاقىتتا مۇئەززىنگە ئىجابەت قىلىشقا ۋە مۇئەززىننىڭ دىگىنىگە ئوخشاش سۆزنى جۈملىمۇ-جۈملە دېيىشكە رىغبەتلەندۈردى. مۇئەززىن تەكبىر ئېيتقاندا ئۇنىڭدىن كېيىن تەكبىر ئېيتىمىز، ئىككى شاھادەت كەلمىسىنى كەلتۈرگەندە ئۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى كەلتۈرىمىز. (حي على الصلاة، حي على الفلاح) دېگەن بۇ ئىككى سۆزدە مۇئەززىننىڭ دېگىنىنى دېمەستىن، ئۇنىڭدىن كېيىن: بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەن بولىدۇ دېيىلىدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • مۇئەززىنلەر كۆپ بولسا يەنى ئەتراپتىكى مەسچىتلەردىن ئارقىمۇ-ئارقا ئەزان ئاڭلانغان بولسا، ھەدىس ئومۇم بولغانلىقى ئۈچۈن بىرىنچى قېتىم ئەزان ئوقۇغان مۇئەززىنگە ئىجابەت قىلىۋېتىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم ئەزان ئوقۇغان مۇئەززىنگە ئەگىشىلىدۇ.
  • ھاجەتخانىدا بولمىغاندا ياكى ھاجىتىنى ئادا قىلىۋاتمىغان ۋاقىتتىن باشقا ھەر قانداق ھالەتتە مۇئەززىنگە ئىجابەت قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.