ئائىشە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە ئەنەس ئىبنى مالىكتىن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا يىمەك ھازىر بولۇپ قالسا، ئەۋۋال يىمەك يەڭلار سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنىڭ جىمى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان
explain-icon

شەرھىسى

نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا يىمەك-ئېچمەك تەييار بولغان بولسا، يىمەكلىككە ھاجەت بولغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭغا بولغان ئىشتىھاسىنى بېسىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يىمەك-ئېچمەككە ئېغىز تىگىپ زېھنىنى يىمەكلىككە چاچماستىن نامازغا يۈزلىنىشى كېرەك. بۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كەڭرىچىلىك، ئاسانلىق بىلەن نەپسىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ