مۇئەززىن نامازغا ئەزان ئوقۇغاندا شەيتان كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئەزان ئوقۇلغان جايدىن ئايرىلىپ ئەزاننى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن يىراققا قېچىپ كېتىدۇ، ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن قەستەن يەل قويۇۋېتىپ ئوسۇرۇق ئاۋازى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ ياكى نادان كىشىلەردەك ئەزاننى كۆزگە ئىلماي يەل قويۇۋېتىدۇ. ناماز تاھارەت بىلەن ئوقۇلىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قارشىسىدا قەستەن يەل قويۇۋېتىشى مۇمكىن ياكى قەستەن يەل قويۇۋەتمىگەندىمۇ بەلكى ئەزاننى ئاڭلىغاندا بەك قورقۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن يەل قويۇۋېتىشى مۇمكىن. ئەزان ئاخىرلاشقاندا قايتىپ كېلىدۇ ھەتتا نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، تەكبىر ئېيتىلىپ نامازغا تۇرغاندا قايتىپ كېلىپ نامازغا تۇرغان كىشىلەرنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ۋەسۋەسە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: تۆگىنىڭ قۇيرىقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ يوتىسىغا ئۇرۇشىدىن ئىبارەتتۇر، شەيتاننىڭ ئەزان ئوقۇلغاندا قېچىپ كېتىشى بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى شۇئارلارنى تۇرغۇزۇش، ئەقىدىنى ساپلاشتۇرۇش قاتارلىق تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېلان قىلىشقا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ۋاقىتتا، ئۇ ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئاڭلاشنى ياقتۇرمىغانلىقتىن قېچىپ كېتىدۇ. مانا بۇ سۈرە ناس 4-ئايەتنىڭ مەنىسىدۇر: «كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ۋەسۋەسىگە سالغۇچى شەيتانلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» ئاللاھنىڭ زىكرىدىن باش تارتقان كىشى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ۋە يىراق بولىدۇ، تەكبىر ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ نامازغا تۇرغان كىشىگە ۋەسۋەسە قىلىپ: ئۇ ئىشنى ئەسلە، بۇ ئىشنى ئەسلە دەپ نامازنى باشلاشتىن بۇرۇن ئېسىگە كەلمىگەن ئىشلارنى ئەسلىتىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ نامازدىن بولغان مەقسەت-نىشانىنى ئۇنتۇپ، قانچىلىك ناماز ئوقۇغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شەيتاننىڭ نامازغا تۇرغاندا كېلىشى: نامازدا قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنىدۇ، بەندە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ شەيتاننىڭ ئۇ كىشىنىڭ نامازدىكى خۇشۇسىنى بۇزۇش ۋە دىققىتىنى چېچىش ئۈچۈندۇر. بەزى رىۋايەتلەردە: شەيتاننىڭ ئەزان ئوقۇلغاندا قېچىپ كېتىشى بولسا ئەبى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك، قىيامەت كۈنىدە ئادەم ئەۋلاتلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ زىكرىگە ھازىر بولغانلىقىغا گۇۋاھلىققا تارتىلماسلىقى ئۈچۈندۇر