بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەزاننى ئىككى قېتىمدىن ئوقۇشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئۇ ئەزان يىراقتىكىلەرگە ناماز ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ، ئۇنىڭ دەسلەپتىكى «ئاللاھۇ ئەكبەر» دىن باشقا ئىبارىلىرى ئىككى قېتىمدىن دىيىلىدۇ، باشتىكى تەكبىر « ئاللاھۇ ئەكبەر»نى تۆرت قېتىم، تەۋھىد سۆزىنى بىر قېتىم دېيىش سەھىھ ھەدىستە كەلگەن، يەنە بىلالنى ناماز ئالدىدىكى تەكبىرلەرنى تاق ئېيتىشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئۇ يېنىدا بار كىشىلەرگە قارىتىلغان، تەكبىردە «ئاللاھۇ ئەكبەر، قەد قامەتىسسالا» ئىبارىسى ئىككى قېتىمدىن دېيىلىدۇ