رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىنىڭ ئۈستى تەرپىدىكى ئەبتەھ دېگەن جايغا چۈشكەن ئىدى. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ تاھارىتىدىن ئېشىپ قالغان سۈيىنى كۆتۈرۈپ چىقتى، ساھابىلەر بۇ سۇنى تەۋەرۈك بىلىپ ئېلىشقا باشلىدى، بىلال ئەزان توۋلىدى. ئەبۇ جۇھەيپە دەيدۇ: مەن بىلالنىڭ ئېغىزىغا دېققەت قىلدىم، ئۇ: «ھەييى ئەلەسسالاھ، ھەييى ئەلەلفەلاھ» دېگەندە كىشىلەرگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئوڭ-سول تەرەپكە قارايتى، چۈنكى بۇ ئىككى جۈملە كىشىلەرنى نامازغا كىلىشكە قىزىقتۇراتتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نامازدا سىۈترە بولۇشى ئۈچۈن قىسقا بىر نەيزە تىكلەندى، رەسۇلۇللاھ پىشىن نامىزىنى ئىككى رەكئەت ئوقىدى، مۇساپىر بولغانلىقتىن مەدىنىگە قايتقانغا قەدەر تۆت رەكىئەتلىك نامازلارنى ئىككى رەكئەت ئوقىدى