رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىنىڭ ئۈستى تەرپىدىكى ئەبتەھ دېگەن جايغا چۈشكەن ئىدى. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ تاھارىتىدىن ئېشىپ قالغان سۇيىنى كۆتۈرۈپ چىقتى، ساھابىلەر بۇ سۇنى تەۋەرۈك بىلىپ ئېلىشقا باشلىدى، بىلال ئۇلارغا رۇخسەت قىلدى. ئەبۇ جۇھەيپە دەيدۇ: مەن بىلالنىڭ ئېغىزىغا«ھەييى ئەلەسسالا، ھەييى ئەلەلفەلاھ» دېگەندە ئەگىشىپ قايسى تەرەپكە يۈزلەنسە شۇ تەرەپكە ئۆتتۈم، چۈنكى بۇ ئىككى جۈملە كىشىلەرگە بۇ ئەزاننى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئاندىن نامازدا سىترە بولۇش ئۈچۈن قىسقا بىر نەيزە تىكلەندى، رەسۇلۇللاھ پىشىن نامىزىنى ئىككى رەكىئەت ئوقىدى، مۇساپىر بولغانلىقتىن مەدىنىگە قايتقانغا قەدەر تورت رەكىئەتلىك نامازلارنى ئىككى رەكىئەت قىلىپ ئوقىدى