پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغىنىنى ئاڭلىغاندا: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇز، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، يەنى: ئاللاھدىن باشقا ھېچ ھەق مەبۇد يوق دەپ ئىقرار قىلىمەن ۋە ئېتىراپ قىلىمەن، ئاللاھدىن باشقا مەبۇدلارنىڭ ھەممىسى باتىل دېسە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى يەنى: ئۇ ئىبادەت قىلىنمايدىغان بەندە، يالغان سۆز قىلمايدىغان ئەلچىدۇر. ئاللاھ تائالاغا پەرۋەردىگارلىق جەھەتتە رازى بولدۇم يەنى: ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقى، ئىلاھلىقى، ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىگە رازى بولدۇم. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىزگە يەتكۈزگەنلىكىگە، ئەلچىلىك ۋەزىپىىسىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىغا رازى بولدۇم. ئىسلامغا ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى، بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە ئېتىقاد قىلىپ ۋە بويسۇنۇپ دىن دەپ رازى بولدۇم دېسە ئۇ كىشىنىڭ بارلىق كېچىك گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.