پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان بەش ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە، تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، نامازنى پۈتۈن دىلى ۋە ئەزالىرى بىلەن، خۇشۇ بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىپ، ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى، ئۇلۇغلىقىنى دىلىدا ھازىر قىلىپ، نامازنىڭ رۇكۇ، سەجدە ۋە باشقا ھەرىكەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلسا، ئۇ كىشى چوڭ گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسىلا، بۇ ناماز ئۇ كىشىنىڭ بارلىق كېچىك گۇناھلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، بۇ ئارتۇقچىلىق ۋە پەزىلەت يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا داۋاملىشىدۇ.