پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇناپىقلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ نامازغا كېلىشكە سۇسلۇق قىلىشىدىن بولۇپمۇ خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىغا كەلمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازنى جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇشنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى بىلگەن بولسا ئېدى، كېچىك بالا ئۆمىلىگەنگە ئوخشاش ئۆمىلەپ بولسىمۇ جامائەتكە كېلەتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازغا تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرۇپ، ئۆزىنىڭ ئورنىغا بىر كىشىنى جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئادا قىلىشقا قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر باغلامدىن ئۆتۈن كۆتەرگەن بىر بۆلۈك كىشىلەر بىلەن بىرگە جامائەت نامىزىغا كەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ (ئۇلارنڭ سادىر قىلغان خاتالىقى بەك ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنى ئۆيلىرى بىلەن قېتىپ كۆيدۈرىۋېتىش ئىرادىسىگە كەلگەن بولسىمۇ لېكىن ئۆيدە نامازغا كەلمىگەن ئەرلەردىن باشقا گۇناھسىز، ئۈزۈرلۇك كىشىلەر، ياشانغانلار، كېسەللەر، ئاياللار ۋە بالىلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىغان.