ئەممارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنىڭ مەنىسى: كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرىكى يەنى بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئوقۇغان ۋە ۋاقتىدا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان كىشى مەڭگۈ قىلىش ياكى ئازابلىنىش ئۈچۈن دوزاخقا كىرمەيدۇ، چۈنكى بامدات ۋاقتى، ئۇيقۇدىن لەززەت ئالىدىغان ۋاقىت، ئەسىر ۋاقتى بولسا، كەچلىك يېمەك تەييارلاش، تىجارەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە كۈندۈزنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ۋاقىت، بۇ نەپسىنى ھورۇنلۇقتىن ۋە دۇنيانى ياخشى كۆرۈشتىن ئىبادەتكە يەتكۈزۈشنىڭ دەلىلىدۇر. بۇنىڭدىن يەنە قالغان نامازلارنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش لازىم كېلىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلغان كىشى ئەلۋەتتە قالغان نامازلارنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ، بۇنداق قىلغان كىشى چوڭ-كىچىك گۇناھلارغا يېقىنلاشمايدۇ، ئەگەر يېقىنلىشىپ قالسا دەرھال ئاللاھقا تەۋبە قىلىدۇ ياكى ئاللاھ تائالاغا ئالاقىدار بولغان كىچىك گۇناھلار بولۇپ قالسا، نامازنى ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلغانلىقنىڭ ساۋابى بىلەن كىچىك گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئەبەدىيلىك دوزاخقا كىرمەيدۇ ھەممىدىن توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر. جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ بەجەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايغا قاراپ: «سىلەر مۇشۇ تولۇن ئاينى كۆرگەندەك پەرۋەردىگارىڭلارنى كۆرىسىلەر» دېدى، يەنى مۆمىنلار قىيامەت كۈنى جەننەتتە بەدىر كېچىسىدىكى تولۇن ئاينى كۆرگەنگە ئوخشاش ئاللاھ تائالانى كۆرىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئايغا ئوخشاش دېگەنلىك ئەمەس، ئاللاھ تائالا ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ بەلكى ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ئۇلۇغ ۋە كاتتىدۇر، لېكىن ھەدىسنىڭ مەنىسى كۆرۈشنى كۆرۈشكە ئوخشىتىشتۇر، خۇددى بىز ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئاينى كۆزىمىز بىلەن غۇۋاسىز ئوچۇق كۆرگەندەك ئاللاھ تائالانىمۇ قىيامەت كۈنى كۆزىمىز بىلەن ئوچۇق كۆرىمىز. شۇنى بىلىش كېرەككى، جەننەت ئەھلىنىڭ ھوزۇرىدىكى ئەڭ لەززەتلىك، ئېسىل بولغان ئەڭ ئالى نېمەت ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك جامالىغا قاراشتۇر، بۇنىڭغا ھېچ نەرسە باراۋەر كەلمەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە تولۇن ئاينى كۆرگەندەك ئاللاھ تائالانى ئوچۇق كۆرىدىغانلىقىمىزنى زىكىر قىلغان ۋاقتىدا: «قادىر بولالىساڭلار كۈن چىقىشتىن ئىلگىرىكى ناماز بىلەن كۈن پېتىشتىن ئىلگىرىكى ناماز سىلەرگە غالىپ كەلمىسۇن، ئۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىڭلار» دېدى. يەنى بۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇشقا قادىر بولالىساڭلار شۇنداق قىلىڭلار، بۇ ھەدىس بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالانىڭ جامالىغا قاراشنىڭ سەۋەبى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ