ساھابىلاردىن جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: تەۋھىدتە چىڭ تۇرۇش، بىر كېچە-كۈندۈزدە ئادا قىلىش پەرز بولغان بەش ۋاقىت نامازنى پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە مۇستەھەپلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىش، مالىيە ئىبادەتتىن ئىبارەت بولغان بايلاردىن ئېلىپ ھەقلىق بولغان كەمبەغەللەرگە ۋە باشقا تۈردىكىلەرگە بېرىلىدىغان ئىقتىسادنىڭ زاكىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، مۇسۇلمان رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىش، بارلىق مۇسۇلمانلارغا سەمىيمى بولۇش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە ھېرىسمەن بولۇش، ئاغزاكى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلارغا يېتىدىغان يامانلىقنى توسۇش قاتارلىقلار ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ.