explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئىنسان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىش شەرتى بىلەن؛ كېچە ۋە كۈندۈزدە ئادا قىلىنغان بەش ۋاقىت ناماز، ھەر ھەپتىدە ئادا قىلىنغان جۈمە ۋە ھەر يىلى تۇتۇلغان رامىزان روزىسى ئارىلىقتىكى كېچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. ئەمما زىنا، ھاراق ئېچىش قاتارلىق چوڭ گۇناھلار پەقەت تەۋبە قىلىش بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • گۇناھنىڭ چوڭ ۋە كېچىكى بولىدىغانلىقى.
  • چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىش بولغاندا كېچىك گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
  • چوڭ گۇناھلار؛ زىنا قىلىش ۋە ھاراق ئېچىش دېگەندەك، دۇنيادا جازا بېكىتىلگەن ياكى ئۇنى قىلغان كىشى ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ياكى لەنىتىگە ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم بايان قىلىنغان گۇناھلاردۇر.