كىمكى ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلماستىن ئۆزىنىڭ ھالالدىن كەسىپ قىلغان نەرسىسىدىن بىر تال خورما مىقدارىچىلىك بىر نەرسە سەدىقە قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بۇ سەدىقىنى ئۆزىنىڭ ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. (ئاللاھ ئۇ سەدىقىنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ دېگەن سۆزنى، ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ئۆزگەرتمەستىن ۋە باشقىچە ئېزاھلىماستىن، ئاللاھ تائالانىڭ زاتى سۈپىتىگە لايىق ھالدا بولىدۇ، دەپ چۈشىنىش كېرەك.) مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە بايان قىلىنغاندەك، ئاللاھ ئۇ سەدىقىنى ئېلىپ دېگەن سۆزدىن؛ ئۇنى كۆپەيتىپ خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ تايچىقىنى تەربىيىلەپ ئات قىلغاندەك ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى زىيادە قىلىپ بېرىدۇ