ئەبۇ سەئىدىل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىر سەپەردە كېتىۋاتقىنىمىزدا توگىسىگە مېنگەن بىر كىشى كىلىپ ئۇياق-بۇياققا قارىغىلى تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمنىڭ ئارتۇق ئۇلىغى بولسا ئۇنى ئۇلىغى يوق ئادەمگە بەرسۇن، كىمنىڭ ئارتۇق ئوزۇقلىقى بولسا ئۇنى ئوزۇقلىقى يوق ئادەمگە بەرسۇن» دەپ نۇرغۇن مال تۈرلىرىنى تىلغا ئالغانلىقىدىن بىز: «ئارتۇق نەرسدە ھېچ قايسىمىزنىڭ ھەققى يوق ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالدۇق سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر سەپەردە كېتىۋاتقاندا تۆگە مىنگەن بىر كىشى كىلىپ ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى قامدىغىدەك بىر نەرسە تېپىش ئۈچۈن ئوڭ-سول تەرەپلەرگە قاراشقا باشلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمنىڭ ئارتۇق ئۇلىغى بولسا ئۇنى ئۇلىغى يوق ئادەمگە بەرسۇن، كىمنىڭ ئارتۇق ئوزۇقلىقى بولسا، ئۇنى ئوزۇقلىقى يوق ئادەمگە بەرسۇن» دېدى، رىۋايەت قىلغۇچى: «بىز ئارتۇق نەرسدە ھىچقايسىمىزنىڭ ھەققى يوق ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالدۇق