ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەپەرگە ماڭغان كىشىگە: «ماڭا يېقىن كەلگىن، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز بىلەن خوشلاشقاندەك خوشلىشايلى» دەيتتى، بۇ ھەدىس ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىشقا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بەزى رىۋايەتلەردە: «سەپەر قىلغۇچى بىلەن خوشلاشقاندا ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ قويىۋەتمەيتى» دېيىلگەن، بۇ كەمتەرلىك ۋە دوستلۇق، مېھرىبانلىقنى ئىزھار قىلىشتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر قىلغۇچىغا: «دىنىڭنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» يەنى: ئاللاھدىن دىنىنىڭنى ساقلىشىنى تەلەپ قىلىمەن، «مەسئۇلىيىتىڭنى»يەنى: سېنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەققىگە ۋە ئاللاھنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بارلىق مەسئۇلىيىتىڭنى ساقلاشنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم، دەيتتى، ئىنسان سەپەر جەريانىدا كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئىلىم-سېتىم ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە مەسئۇلىيىتىنى ساقلاپ، خىيانەتتىن يىراق بولىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى، ئۇ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەندە دىن-دۇنيالىق ئىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامانلىقىدىن خاتىرجەم بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ماڭغان بىرەر جامائەت بىلەن خوشلاشقاندىمۇ ئۇلارنى توغرىغا ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە باشلايدىغان، دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلىدىغان، ئۇرۇشتا ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان بۇ مەزمۇنلۇق دۇئا بىلەن خوشلىشاتتى