رەسۇلۇللاھنىڭ «سەپەر ئازابتىن بىر پارچە» دېگىنى، ئازابنىڭ بىر قىسمى دېگەن مەنىدە. بۇ يەردىكى ئازابتىن مەقسەت جاپادىن تۇغۇلغان ئازاب كۆزدە تۇتۇلغان، كىشى ئۆزى كۆنگەن ئادەتلىرىنى تاشلاپ، ئۇلاققا مىنىپ، ئۇنىڭدىن چۈشۈش جاپالىرى مەقسەت قىلىنغان. «ئۇ سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلاردىن ۋە ئۇيقۇڭلاردىن توسىدۇ» دېگەن ئىبارىنىڭ مەنىسى: مۇكەممەل، ئازادە ھوزۇرلۇنۇشنى توسىدۇ، چۈنكى ئۇ سەپەردە قىيىنچىلىق، چارچاش، ئىسسىق-سوغۇق، ئەندىشە، دوسلار ۋە ئائىلىدىن ئايرىلىش، يرىك تۇرمۇش ئارقىلىق جاپادا بولىدۇ، زىھنى سەپەردىكى مۇھىم ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، ئادەتتىكى كۈنلەردەك يەپ-ئىچىپ، ئارام ئېلىپ قىلالمايدۇ، ئۇيقۇ ئىشلىرىمۇ ھەم شۇنداق، ئەھۋال بۇنداق بولغانىكەن، سەپەردىكى ئىشلىرى تۈگىكەن ھامان، ئائىلە، بالا-چاقىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىشقا ئالدىرىسۇن، دېگەن مەنىدە. «بىرىڭلار سەپەردىكى مەقسىدىنى ئادا قىلسا ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىرىسۇن» دېگىنى، سەپەردىكى مەقسەت، ئىھتىياج، دېگەن مەنىدە