پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئارام ئېلىش ۋە ئۇخلاش ئۈچۈن كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە بىرەر جايغا چۈشسە ئوڭ يېنىنى بېسىپ يىتىشى، تاڭ ئېتىشتىن بىرئاز بۇرۇن چۈشسە قولىنى تىكلەپ، ئۇنىڭغا يۆلۈنۈپ ئارام ئېلىشى سەپەردىكى سۈننىتى ئىدى. چۈنكى كىچىنىڭ ئەۋۋىلىدە جىسمىنىڭ ئۇيقۇغا بولغان ئىھتىياجىنى بېرىش ئۈچۈن ئوڭ يېنىنى بېسىپ ئۇخلايتتى، ئەمما بامدات نامىزىغا يېقىن ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ كېتىپ، بامدات نامىزىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن قولىنى تىكلەپ، ئۇنىڭغا تايىنىپ ئۇخلايىتتى