ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنسان سەدىقە قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئاللاھ يولىدا تىكىلگەن چېدىرنىڭ سايىسى ياكى ئاللاھ يولىدا چىققان كىشىگە خىزمەت قىلىش، ياكى ياراملىق بىر تۆگە بېرىشتىن ئىبارەت، بۇ ئاللاھ يولىدا چىققان مۇجاھىتلارغا بېرىلسۇن ياكى باشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بېرىلسۇن، ھەممىسى ئاللاھ يولىدا بېرىلگەن بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئەۋزەل بولىشى شۇ زاماندا كىشىلەرنىڭ شۇ نەرسىلەرگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغانلىقىدىندۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى شۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرگەن. ئەمما ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇ نەرسىلەرگە كىشىلەرنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ ياكى بولسىمۇ ئاز بولىدۇ، ھۆكۈم كۆپنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ ھەدىس ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنۇ ھەدىسكە ئوخشايدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە! خورما يوق ئۆيدىكى كىشىلەر ئاچ ئولتۇرىدۇ» دېگەن، مۇسلىم رىۋايىتى. شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا، خورما شۇ ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە خورمىنى يېمەكلىك قىلىدىغان باشقا كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى ھېسابلىناتتى