explain-icon

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەدىقىنىڭ مالنى كېمەيتىۋەتمەيدىغانلىقىنى، بەلكى مالغا كېلىدىغان ئاپەتلەرنى يوق قىلىدىغانلىقى، مال ئىگىسىگە ئاللاھ كاتتا ياخشىلىقنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى، سەدىقە قىلىش بىلەن مالنىڭ كېمەيمەستىن زىيادە بولىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ بەردى. ئىنسان ئېنتىقام ئېلىشقا ياكى جازالاشقا قادىر بولۇپ تۇرۇغلۇق ئەپۇ قىلىۋەتسە، ئەپۇچانلىق ئۇ كىشىگە ئىززەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنى زىيادە قىلىدۇ. ئىنسان بىر كىشىدىن قورقماستىن، خوشامەت قىلماستىن، بىرەر مەنپەئەت تەلەپ قىلماستىن پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، كەمتەر بولىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپىتى ئۈستۈنلۈك ۋە شان-شەرەپ بولىدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • ياخشىلىق ۋە ئۇتۇق شەرىئەتكە بويسۇنۇش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن بولىدۇ، گەرچە بەزى كىشىلەر بۇنىڭ ئەكسىنى ئويلىسىمۇ.