كىشىلەرگە ھەر كۈنى ئىككى پەرىشتە چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بىرى: ئى ئاللاھ، پۇل-مېلىنى تائەت-ئىبادەتكە ئوخشاش ياخشىلىققا، ئائىلىسىگە ۋە مېھمانلىرىغا چىقىم قىلغان كىشىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تولدۇرۇپ بەرگىن! دېسە؛ يەنە بىرى: ئى ئاللاھ، سەن ۋاجىپ قىلغان پۇل-مال سەرىپ قىلىشدىن ئۆزىنى تارتقان بېخىلنى ۋە مېلىنى ھالاك قىلغىن، دەيدۇ