بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ سەدىقىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى توغۇرلۇق سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: تىنىڭ ساغلام تۇرۇپ، مال-دۇنياغا ھىرىسمەن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈپ قالغىنىڭدا كەمبەغەل بولۇپ قېلىشتىن قورقۇيدىغان، بايلىقنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋاقىتتا سەدىقە قىلىشىڭ، دېدى. سەدىقە قىلىشنى كىچىكتۈرمىگىن، ساڭا ئۆلۈم يېقىنلاشقاندا، بۇ دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا پالانچىغا مال-مۈلىكىمدىن بۇنى سەدىقە قىلدىم ياكىۋەسىيەت قىلدىم، پالانچىغا مال-مۈلىكىمدىن بۇنى سەدىقە قىلدىم ياكى ۋەسىيەت قىلدىم، دەيسەن ھالبۇكى ئۇ ۋاقىتتا سېنىڭ مال-مۈلىكىڭ مىراسخورلىرىڭغا قالغان بولىدۇ