ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنىدە ئەنسارىلار ئارىسىدا بېغى كۆپ كىشى ئىدى، مەسچىتنىڭ قىبلە تەرىپىگە ئۇدۇل جايدا ئۇنىڭ سۈيى تاتلىق بىر بېغى بارئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ باغقا كىرىپ ئۇنىڭ تاتلىق سۇلىرىدىن ئىچەتتى: { ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر } دېگەن ئايەت نازىل بولغان چاغدا، ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئالدىراپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ تائالا:{ ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر } دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى، مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مىلىم «بەيرەھا» دېگەن باغ، مەن ئۇنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۈچۈن سەدىقە قىلىپ سىلىگە تۇتتۇم دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ مەردلىكىدىن ئەجەبلىنىپ: «ھاي،ھاي! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ!، نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ!، مەن ئۇنى يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى لايىق كۆرىمەن» دېدى، ئەبۇ تەلھە ئۇنى تۇققانلىرىغا ۋە تاغىسىنىڭ بالىلىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى