ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر نەرسىگە «مەن ئۇنى مۇنداق دەپ ئويلايمەن» دېگىنىنى ئاڭلىساملا ئۇ ئىش ئۇ ئويلىغاندەك بولۇپ چىقاتتى سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

ساھابىلار ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ باشقىلارغا ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغان ئىشلارغا ھۆكۈم قىلغىنىنى كۆرەتتى، ئىشلار ئايدىڭلاشقاندا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يۈز بىرىشتىن ئىلگىرى قىلغان ھۆكۈمنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقىنى كۆرەتتى