ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا تۆتمىڭ دەرھەمدىن بەردى، ئۇنىڭ ئوغلى مۇھاجىرلاردىن بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭغا ئۈچ مىڭ بەشيۇز دەرھەم بەردى، چۈنكى ئۇ بالاغەتكە يەتمىگەن ۋاختىدا دادىسى بىلەن بىرگە ھىجرەت قىلغان ئىدى، ئۇنى بالاغەتكە يەتكەن مۇھاجىرلارنىڭ قاتارىغا قېتىشنى خالىمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان نەپىقىنى ئۆزى ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا بېرىدىغان نەپىقىدىن كەمەيتىۋەتتى، دۇنيادا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كېيىن ئۈممەتنىڭ مېلىغا كۆيۈنۈشتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش تەقۋادار بىر رەھبەر كۆرۈلمىدى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇلار تۇغقانلىرىنىڭ يېقىنلىقى، بايلارنىڭ بايلىقى ۋە نامراتلارنىڭ نامراتلىقىدىن ئەيمىنىپ قالمىسۇن، بەلكى ھەر بىر كىشىنى ئۆز ئورنىغا چۈشۈرۈپ مۇئامىلە قىلسۇن مانا بۇ تەقۋالىق ۋە ئادىللىقدۇر