ھەزرىتى ئۇقبە ئىبنى ھارىس بىر كۈنى ئۆزىنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە ئەسىر نامىزى ئوقۇغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ نامىزىنى تۈگىتىپ بولۇپ تېز ئورنىدىن تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ بويۇنلىرىدىن ئاتلاپ، بەزى ئاياللىرىنىڭ ھۇجرىسىغا قاراپ ماڭغاندا، كىشىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ تېز ھەرىكىتىدىن ئەنسىرەپ قالغان. رەسۇلۇللاھ ئۆيىدىن چىقىپ كىشىلەرنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى كۆرۈپ، سەۋەبىنى بايان قىلىپ، تەقسىم قىلىنىشقا تېگىشلىك تېخى قۇيۇلمىغان بىر ئالتۇن پارچىسىنى نامازدا ئەسلىگەنلىكى ۋە بۇنىڭ بۇندىن كېيىن نامازدا ئاللاھقا يۈزلىنىشتىن ئويغا سېلىپ نامازغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن تەقسىم قىلىۋىتىشكە بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن