پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەمئىيەتتىكى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى ئىكەنلىكى ۋە ھەر بىرىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيتى بار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. باش رەھبەر، ئىمام، يېتەكچى ئاللاھ تائالا مەسئۇل قىلغان دائىرىدە ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئاللاھنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، قارشى چىققۇچىلاردىن ھىمايە قىلىش، دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى جىھاد قىلىش ۋە خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى زايە قىلىۋەتمەسلىك قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەر بار. ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىدە ئۇلارنىڭ كېرەكلىك ھازىرلىقلىرىنى تەييار قىلىپ بېرىش، ئەدەپ-ئەخلاق، تەلىم-تەربىيە ئۈگىتىش ۋە تۇرمۇشنى چېرايلىق شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇش مەسئۇلىيتى بار. ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىدە، ئائىلە ئىشلىرىنى تەرتىپلىك ئىدارە قىلىش، پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلەش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇمۇ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ. خىزمەتچى، قۇل ۋە ياللانغان كىشى خوجايىننىڭ مېلىنى ساقلاش، قولىدىكى نەرسىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش، بۇيرۇلغان خىزمەتنى تولۇق ئورۇنداش قاتارلىق ئىشلاردىن مەسئۇل بولىدۇ. ھەر بىر كىشى ئۆز دائىرىسىگە مەسئۇل بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ.