سۈننەتتە: ئەگەر بىر كىشى بىر قىزنى چوكاننىڭ ئۈستىگە ئالسا، قىزنىڭ ياتىقىدا يەتتە كۈن تۇرۇپ، ئۇنى كۆندۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ياتسىرىشىنى ۋە خىجىل بولىشىنى يوقىتىدۇ. ئاندىن كۈنلەرنى ئاياللىرىنىڭ ئارىسىدا باراۋەر تەقسىم قىلىدۇ. ئەگەر چوكاننى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە ئالسا، بۇ ئايالنىڭ يۇقىرىقى ئىشلارغا ھاجىتى ئاز بولغاندىكىن، ئۇنىڭ ياتىقىدا ئۈچ كۈن تۇرىدۇ. بۇ توغرا ھۆكۈم، رەسۇلۇللاھغا نىسبەت بېرىلگەن ھەدىستە بايان قىلىندى. چۈنكى راۋىلار سۈننەتنىڭ قاتارىدىن دېسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن باشقا نەرسىنى مەقسەت قىلمايدۇ. بۇ ھەدىس مەرفۇ، مەرفۇ قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى: سۆزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا نىسبەت بېرىش، دېگەنلىكتۇر