پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى گۈزەل بولغانلىرىنىڭ ئىمانىنىڭ مۇكەممەل بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئەخلاقى گۈزەل دېگەنلىك: خۇش چېراي بولۇش، ياخشىلىق قىلىش، چېرايلىق سۆز قىلىش ۋە باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك قاتارلىقلاردۇر. مۇئمىنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى؛ ئۆزىنىڭ ئاياللىرىغا قىزلىرىغا، ھەمشىرىلىرىگە، يېقىن ئايال تۇغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىرىدۇر، چۈنكى ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدا گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشقا ئەڭ لايىق بولغانلاردۇر.