ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەشەج ئابدۇلقەيسكە: «سەندە ھەقىقەتەن مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكتىن ئىبارەت ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىككى خىسلەت بار» دېدى سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇلقەيىس ئەۋلادىدىن بولغان ئەشەجگە: «سەندە ھەقىقەتەن مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكتىن ئىبارەت ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىككى سۈپەت بار» دېدى، بۇنىڭ سەۋەبى: ئەشەج تەمكىن بولۇپ ئۆزىنىڭ پايدىسىغا قارىدى، قەۋمى بىلەن بىرگە كېلىشكە ئالدىرمىدى، مۇلايىملىقى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن سۆزلەشكەندە ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزى ئەقلىنىڭ ساغلاملىقىنى، پىكرىنىڭ ياخشىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى