پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆز-ھەرىكەتلەردە مۇلايىملىق، سېلىقلىق، تەمكىنلىك بولسا، بۇ ئىش ناھايتى مۇكەممەل، گۈزەل ۋە چېرايلىق بولىدىغانلىقى، بۇ ئىشنىڭ ئىگىسىنىڭ ئۆز ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. مۇلايىملىق ۋە سېلىقلىق بولمىغان ئىشلارنىڭ ئەيىپلىك، كۆرۈمسىز بولىدىغانلىقى، بۇ ئىشنىڭ ئىگىسىنىڭ ئۆز ھاجىتىنى ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغانلىقى، گەرچە تاپسىمۇ بەك قېيىن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.