پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سودا-سېتىق ئىشلىرىدا سېخى، مەرد ۋە ئاسانلىق يارىتىپ بەرگۈچى ھەر قانداق كىشى ئۈچۈن رەھمەت تىلەپ دۇئا قىلدى. سېتىۋالغۇچىغا باھادا قاتتىقلىق قىلماسلىق، چېرايلىق، گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىش. بىر نەرسە سېتىۋالسا سېخى، مەرد ۋە ئاسان پۈتتۈرىدىغان بولۇش، بېخىللىق قىلماسلىق ۋە مالنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك. باشقىلاردىن ھەققىنى تەلەپ قىلسىمۇ سېخى، مەرد ۋە ئاسان پۈتتۈرىدىغان بولۇش، كەمبەغەللەرگە ۋە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قاتتىقلىق قىلماسلىق، مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، قىيىنچىلىق بار كىشىگە مۆھلەت بېرىش.