explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياخشىلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ياخشىلىق گەرچە ئاددى بولسىمۇ ئۇنى تۆۋەن كۆرمەسلىككە رىغبەتلەندۈردى. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلارغا ئوچۇق*-چېراي، خۇش- تەبەسسۇم بىلەن قاراشمۇ ياخشىلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. مۇسۇلمان قېرىندىشى بىلەن ئۈلپەتلىشىش ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ئۆزىدە يېتىلدۈرىشى كېرەك.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى دوستلۇق، خۇش-تەبەسسۇم ۋە ئۇچراشقان ۋاقىتتا خۇرسەن قىلىشنىڭ پەزىلىتى.
  • ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقىنى بايان قىلىش بولۇپ، شەرىئەت مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولىدىغان ۋە ئۇلارنى بىرلەشتۈرىدىغان ھەممە نەرسىنى ئېلىپ كەلدى.
  • ياخشى ئىش گەرچە ئاز بولسىمۇ ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش.
  • مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىغا خۇرسەنلىك پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت كۈچىيىدۇ.