پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەر بىلەن قەرز ۋە نېسى سودا مۇئامىلىسى قىلغان كىشى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. ئۇ كىشى خىزمەتچىلىرىنى كىشىلەردىن قەرزنى يېغىپ كېلىشكە ئەۋەتكەندە، ئۇلارغا مۇنداق دەيتتى: قەرز ئادا قىلىدىغان كىشىنىڭ يېنىغا بارغىنىڭدا ئۇ كىشىدە كەمبەغەللىكتىن قەرز ئادا قىلغۇدەك بىر نەرسە بولمىسا، ئۇنى ئەپۇ قىلىۋەت، ياكى مەلۇم مۇددەت مۆھلەت بەرگىن، قەرزنى تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرىۋالمىغىن. ياكى ئاز بولسىمۇ بەرگەننى ئىلىپ، قالغىنىنى ئۇ كىشى ئويلىغىنىدەك ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆتىۋېتىش ياكى بەزىسىنى بولسىمۇ ئەپۇ قىلىۋېتىش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولۇپ كەتسە ئاللاھ ئۇ كىشىدىن خاتالىقلىرىنى ئۆتىۋېتىدۇ.