بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلار توپىنى ئۇلاردا بولۇشقا تىگىشلىك سۈپەتلەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ: ئۆز-ئارا دوستانە، ئېناق-ئىتتىپاق، گۈزەل ئەخلاققا يىتەكلەيدىغان ۋە شەرىئەت كۆرسەتكەن ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغان، ناچار ئىللەتلەردىن يىراق تۇرىدىغان، قەلىبلەردىن ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت، ھەسەد، ئالدامچىلىق زۇلۇم قىلىش قاتارلىق يامان ئىللەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى. يۇقىرىقى ناچار ئىللەتلەر مۇسۇلمانلار ئارىسىنى بۆلۈش ۋە ئاغرىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. مۇسۇلمانغا ئازار بىرىش ھارامدۇر. مەيلى ئىقتىسادى جەھەتتىن بولسۇن، ياكى مۇئامىلە، قول ۋە تىل ئارقىلىق بولسۇن ھەممىسى ھارامدۇر. مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېنى، پۇل-مېلى ۋە ئىززەت-ئابرۇيىغا چېقىلىشى ھارامدۇر. ھەقىقى شەرەپ ۋە ھۆرمەت تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ