explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە؛ ئىنسانلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدىغان كىشىگە ئاللاھ تائالانىڭمۇ رەھىم-شەپقەت قىلمايدىغانلىقىنى، بەندىنىڭ كىشىلەرگە رەھىم -شەپقەت قىلىشىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە نائىل بولۇشىنىڭ كاتتا سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • بارلىق مەخلۇقاتلار ئۈچۈن رەھىم-شەپقەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە ئىنسانلارنى خاس قىلىشى ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتىندۇر.
  • ئاللاھ تائالا رەھىم-شەپقەت قىلغۇچى بولۇپ، بەندىلىرىدىن رەھىمدىل كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ، مۇكاپات ئەمەلنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.
  • كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىش دېگەن: ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، يامانلىقنى يوق قىلىش ۋە ئۇلارغا گۈزەل شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.