پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: باشقىلارغا مېھرىبان بولغان كىشىلەرنى ئاللاھ تائالا مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا مۇۋاپىق ھالدا (ئۆزىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان) مەرھەمىتى بىلەن رەھمەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زېمىندىكى ئىنسان، ھايۋان، ئۇچارقۇش ۋە ئۇنىڭ غەيرىدىكى بارلىق جانلىقلارغا رەھىمدىل بولغان كىشىلەرنى ئاللاھ تائالا مۇكاپاتلاپ، يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدىن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ.