ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىدا، ئاللاھنىڭ غەزىپى ئاتا-ئانىنىڭ غەزىپىدە بولىدۇ» باشقا ئىسناد بىلەن ھەسەن - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىدا، ئۆزىنىڭ غەزىپىنى ئاتا-ئانىنىڭ غەزىپىدە قىلدى، ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلغان كىشى ئاللاھ تائالانى رازى قىلغان بولىدۇ، ئاتا-ئانىسىنى غەزەپلەندۈرگەن كىشى ئاللاھ تائالانى غەزەپلەندۈرگەن بولدى