explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ قېرىندىشىغا ھايا توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ، بەك كۆپ ھايا قىلىپ كەتمىگىن دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ كىشىگە: ھايانىڭ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى، ھايانىڭ پەقەت ياخشىلىق ئىلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ھايا دېگەن؛ ئىنساننى گۈزەل ئىشلارنى قىلىشقا، قەبىھ ئىشلارنى تەرك قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان خىسلەتتۇر.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • سىزنى ياخشىلىقتىن چەكلەپ قويغان نەرسە ھايا بولمايدۇ، بەلكى بۇ خىجىللىق، ئاجىزلىق، قورۇنۇش ۋە قورقۇنچاقلىقتۇر.
  • ئاللاھدىن ھەقىقى ھايا قىلىش دېگەن: بۇيرۇلغان ئىشلارنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن بولىدۇ.
  • كىشىلەردىن ھايا قىلىش بولسا، ئۇلارنى ئېھتىرام قىلىش، ھەر كىشىنى ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا قويۇش، ئۆرپ-ئادەتتە قەبىھ كۆرۈلىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشتۇر.