explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنتايىن گۈزەل ۋە بۈيۈك ئەخلاق ساھىبى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەرگىزمۇ سەت گەپ ۋە ناچار ئىشلار سادىر بولمايتتى، ئۇنداق ئىشلارنى مەقسەتمۇ قىلمايتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دائىم مۇنداق دەيتتى: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەخلاقىڭلار ئەڭ گۈزەل، ياخشىلىقنى كۆپ قىلغۇچى، ئوچۇق چېراي، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغان، يەتكەن ئەزىيەتكە سەبىر قىلىدىغان ۋە كىشىلەر بىلەن گۈزەل شەكىلدە ئارىلىشىپ ئۆتىدىغانلىرىڭلاردۇر».

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • مۇئ‍مىن كىشى سەت گەپ ۋە ناچار ئىشلاردىن يىراق بولىشى كېرەك.
  • پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پەقەت ياخشى ئەمەل ۋە ئېسىل سۆزلەرنىڭ سادىر بولغانلىقى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كەمالى ئەخلاق ساھىبى ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
  • گۈزەل ئەخلاق دېگەن مۇسابىقە قىلىشىدىغان مەيداندۇر، كىمكى بۇ مەيداندىكى مۇسابىقىدىن ئۇتۇپ چېقىدىكەن، ئۇ كىشى مۇئ‍مىنلەرنىڭ ياخشىسى ۋە ئىمانى مۇكەممەل بولغىنىدۇر.