بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بەزى بەندىلىرىنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنىدىغان ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولىدىغان تەقۋادار كىشى. ئېھتىياجىنى ئاللاھنىڭ غەيرىدىن تىلىمەيدىغان، كىشىلەردىن بىھاجەت قانائەتچان بەندىسىنى ياقتۇرىدۇ. كەمتەر، رەببىگە ئىبادەت قىلىدىغان، پايدىلىق ئىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تونۇشى ياكى ماختاپ -ئالقىشلىشىنى ئىستىمەيدىغان كىشىنى ياقتۇرىدۇ.