ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ئاچچىقلانمىغىن» دېدى، ئۇ كىشى تەكرار تەلەپ قىلغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاچچىقلانمىغىن» دېدى. تېكىست توغرا - بۇخارى رىۋايىتى
explain-icon

شەرھىسى

ساھابىلاردىن بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىنى پايدىلىق بىر ئىشقا باشلاپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى ئاچچىقلانماسلىققا بۇيرىدى، بۇنىڭ مەنىسى: ئاچچىقلىنىشقا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇش، ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلىش، ئاچچىغى كىلىش بىلەنلا ئۇرۇشۇش، تىللىشىش، ھەتتا بىر-بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ئىشلارغا قەدەم باسماسلىقتىن ئىبارەت. ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن تەكرار تەلەپ قىلدى، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە «ئاچچىقلانمىغىن» دېگەندىن باشقا سۆز قىلمىدى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • ئاچچىقلىنىش ۋە ئۇنىڭغا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن ھەزەر قىلىش كېرەك چۈنكى ئۇ يامانلىقنىڭ جۇغلانمىسىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن ياخشىلىقنىڭ جۇغلانمىسىدىن توسۇلۇپ قالىدۇ.
  • ئىنسان ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئاياغ-ئاستى قىلغاندەك ئىشلارغا غەزەپلەنسە، بۇ ماختىلىنىدىغان غەزەپلىنىش بولىدۇ.
  • ھاجەت بولغاندا سۆزنى تەكرار قىلىش بولسا، ئاڭلىغۇچىنىڭ ئېسىدە تۇتىۋېلىشى ۋە ئۇ ئىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىشى ئۈچۈندۇر.
  • ئالىم-ئۆلىمالاردىن ياخشى ئىشلارغا تەۋسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ.