explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە دىنى ۋە دۇنيالىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھ تائالا دۇرۇس قىلغان دائىرىدە، شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن ھالەتتە ئاسانلاشتۇرۇش ۋە يەڭگىللەشتۈرۈشگە، شۇنداقلا قېيىنلاشتۇرماسلىققا بۇيرىدى. ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن خوشخەۋەر بېرىشكە، ئۈركۈتىۋەتمەسلىككە رىغبەتلەندۈردى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • مۇئ‍مىنگە زۆرۈر بولغىنى كىشىلەرنى ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشكە ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتۇر
  • ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلغۇچىلار كىشىلەرگە ئىسلامنى قانداق يەتكۈزۈشتە ھېكمەت نەزىرى بىلەن ئىش قىلىشى كېرەك.
  • دەۋەتچى كىشىلەرگە خوشخەۋەر بەرگەندە، ئۇ كىشىلەردە توغرا يولغا يۈزلىنىش، خۇرسەنلىك ۋە خاتىرجەملىكنى پەيدا قىلىدۇ.
  • دىنى ئەھكاملاردا مۇشەققەت پەيدا قىلىش؛ چىكىنىش ۋە ئۈركۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، دەۋەتچىنىڭ سۆزلىرىدە شۈبھى پەيدا قىلىدۇ.
  • ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىنىڭ كەڭرى ئېكەنلىكىدىن، ئۇلارغا ئۆزى رازى بولۇپ ئاسان بولغان شەرىئەت ۋە كەڭرى بولغان دىننى بېكىتىپ بەردى.
  • ئاسانلىققا بۇيرۇش بولسا ئۇ شەرىئەت ئىلىپ كەلگەن پىرىنسىپتۇر.