ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خىزمەتچىسىنى قامچا بىلەن ئۇرىۋاتقاندا كەينى تەرىپىدىن ئۇنى ئۇرۇشتىن چەكلىگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى، بىراق سۆز قىلغۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئايرىيالمىدى، يېقىن كەلگەندە ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بىلگىن ئەي ئەبۇ مەسئۇد ! ئاللاھ ساڭا سەن بۇ قۇلغا قادىر بولغىنىڭدىنمۇ بەكرەك قادىردۇر» دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ئەسلەتتى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاجىزلارنى بۆزەك قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيبىتىدىن ئۇنىڭ قولىدىكى قامچىسى چۈشۈپ كەتتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇنىڭدىن كېيىن قۇل ئۇرماسلىق توغرسىدا ۋەدە بەردى، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىنى ۋە چەكلىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇرغاننىڭ كاپارىتىگە ئۇ قۇلنى ئازاد قىلىۋەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر سەن ئۇنى ئازاد قىلىۋەتمىگەن بولساڭ ئۇنىڭغا قىلغان ناچار مۇئامىلەڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە ئوت ئازابىغا قالغان بولاتتىڭ» دېگەن