ئەبۇ ھۈرەيرەرە زىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللاھغا شەھەرلەر ئېچىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك جايلار ئۇنىڭ مەسچىتلىرىدۇر،ۋە ئاللاھنىڭ شەھەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياقتۇرمايدىغان جايى ئۇنىڭ بازارلىرىدۇر» سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئېسىل ۋە ياخشى كۆرىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ مەسچىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى بايان قېلىنىدۇ، چۈنكى مەسچىتتە ناماز ئوقۇلىدۇ، ئاللاھنى ياد ئېتىپ زىكىر-تەسبىھ ئېيتىلىدۇ، قۇرئان تىلاۋەت قېلىنىدۇ، ئىلىم-مەرىپەت دەرسلىرى بولىدۇ، كىشىلەرگە دىنى بىلىملەردىن تەلىم بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئورۇنلارنىڭ ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغانلىرى يۇرتنىڭ بازارلىرى بولۇپ، بازاردا قۇرۇق سۆز، ۋاراڭ-چۇرۇڭ، كۆپ قەسەم قىلىش، باشقىلارنى ئالداش، يالغان سۆزلەش ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن غاپىل قىلىش قاتارلىق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ