ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد بىزگە بايان قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: يەھۇدى ئالىملىرىدىن بىرى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، تەۋراتتا ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈن ئاسمانلارنى بىر بارمىقىدا، زىمىنلارنى بىر بارمىقىدا دەرەخلەرنى بىر بارمىقىدا نەم تۇپراقنى بىر بارمىقىدا، يەنە بىر ئىبارىدە سۇنى بىر بارمىقىدا بارلىق مەخلۇقلارنى بارماقلىرىدىن بىر بارمىقىدا تۇتىدىغانلىقى توغۇرلۇق سۆز بارلىقىنى بايان قىلغان، سەھىھ كەلگەن رىۋايەتلاردە بەش بارماق دەپ كەلگەن، ئەمام ئاللاھنىڭ بارماقلىرى ئىنسانلارنىڭ بارماقلىرىدەك بولماستىن بەلكى ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇدرەت-كامالىنى نامايەن قىلىپ يۇقىرىدىكى بارلىق مەخلۇقلىرىنى قاتتىق سىلكىيدۇ، ئۆزىنىىڭ ھەقىقى پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ۋە مۇتلەق سەلتەنەتى، بەرھەق ئىلاھ ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ، دېگەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ يەھۇدى ئالىمنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ يان چىشلىرى كۆرۈلگۈدەك كۈلدى. ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى «ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقى قەدرىگە لايىق ئۇلۇغلاشمىدى، ھالبۇكى قىيامەت كۈنى زېمىن ئۇنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ»سۈرە زۇمەر 67-ئايەت