ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: {شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر} دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇ ئايەتنى ئوقۇپ، باش بارمىقىنى قۇلىقىغا، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى كۆزىگە قويغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا كۆرۈش ۋە ئاڭلاش دېگەن ئىككى سۈپەتنى ئىسپاتلاشنى تەكىتلەپ، بۇ ئارقىلىق ئايەتنىڭ مەنىسىنى بۇرمىلايدىغانلارغا رەددىيە بېرىدۇ، بۇنىڭدا مەخلۇقاتقا ئوخشىتىش يوق، چۈنكى ئاللاھ تائالا: {ھېچ نەرسە ئاللاھقا ئوخشىمايدۇ، ئۇ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر} دېگەن، يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان دەلىللەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش شۇنى تەلەپ قىلىدۇ